تارىختىكى بۈگۈن: 9– مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1374584
تارىختىكى بۈگۈن: 9– مارت
  • يىل 1956، 9– مارت...
  • قىبرىس رۇم جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى باشپىسكوپوس ماكارىيوس (Başpiskopos Makarios) ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەيشەل ئاراللىرىغا سۈرگۈن قىلىندى. رۇملار ماكارىيوسنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدىن كېيىن، قىبرىستا ئەنگلىيەگە قارشى ئىسيان ھەرىكىتىنى باشلىدى.
  • 1983-يىلى 9– مارت تۈركىيەنىڭ بېلگرادتىكى باش ئەلچىسى گالىپ بالكار ئەرمەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاسالا (ASALA) نىڭ ئىككى ئەزاسى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى.
  • 2003-يىلى 9– مارت سىياسىي چەكلىمە تۈپەيلىدىن سايلامغا قاتنىشالمىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىئىرتتا ئۆتكۈزۈلگەن قايتىلانما سايلامدا پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى.
  • 2014-يىلى 9– مارت دۇنيادا ئۇزۇنلۇقىدا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىيەدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇغىرىش تونېلى-شانلىئۇرفا سۇرۇچ تونېلى مۇراسىم بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر