تارىختىكى بۈگۈن: 05– مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى 05 – مارت - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1372639
تارىختىكى بۈگۈن: 05– مارت

1933 – يىلى  05 – مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيەدىكى چوڭ سايلامدا ، ئادولف گىتلېر باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك سوتسىيالىستىك گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى % 43.9 بېلەتكە ئېرىشىپ، پارلامېنتتا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىللەشنىڭ شەرتى بولغان كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى. ناتسىستلار 1 – دېكابىردا گېرمانىيەدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى تاقىدى.

 

■ 1946 – يىلى  05 – مارتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سىمۋول قىلىنغان «تۆمۈر پەردە» ئۇقۇمىنى تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل قوللاندى.

 

■ 1953 – يىلى  05 – مارتتا لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋە 30 يىل بويىچە تۆمۈر مۇشت بىلەن دۆلەتنى باشقۇرغان جوسېف ستالىن قازا قىلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرغان ستالىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى چوڭ مۇساپىرلار لاگېرلىرى ۋە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ جاۋابكارىدۇر. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، مەزكۇر ئەمگەك لاگېرلىرىدا 3 مىليون ئادەم قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر