تارىختىكى بۈگۈن: 20– دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا ...

1326985
تارىختىكى بۈگۈن: 20– دېكابىر
  • يىل 1522، 20–دېكابىر...
  • قانۇنى سۇلتان سۇلايمان قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قوشۇنى رودوسنى پەتھى قىلدى. رودوس، 11 ئارال ۋە بودرۇمنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىگە قوشۇلۇشى ئاقدېڭىزدىكى سودا كېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
  • 1873-يىلى 20-دېكابىر ئىستىقلال مارشىنىڭ يازغۇچىسى، شائىر ۋە مۇتەپەككۇر مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلدى.
  • 1915-يىلى 20-دېكابىر چاناققەلئەدە ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ سېپىنى بۆسۈپ ئۆتەلمەي مەغلۇب بولغان ئەنگلىيە-ئازاك قىسىملىرى، ئانافارتالار ۋە ئارىبۇرنۇدىن چېكىنىپ چىقتى. 1916-يىلى 9-يانۋار ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ سەددۈلباھىر رايونىدىن چېكىنىشى بىلەن، چاناققەلئەدە ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسى مۇئەييەنلەشتى.
  • 1968-يىلى 20-دېكابىر «غەزەپ ئۈزۈملىرى» دېگەن كىتابى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكالىق يازغۇچى جون ستېيىنبېك (John Steinbeck) ۋاپات بولدى.
  • 1970-يىلى 20-دېكابىر پولشادا يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى نامايىش قىلغان ئىشچىلار ئوققا تۇتۇلدى. ۋەقەدە يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. پولشا كومپارتىيەسىنىڭ سېكرىتارى گومۇلكا قاتتىق غەزەپ-نەپرەتنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھوقۇقىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
  • 1989-يىلى 20-دېكابىر ئامېرىكا 25 مىڭ ئەسكەر بىلەن پاناماغا بېسىپ كىرىپ، دىكتاتور مانۇئېل نورىيېگا (Manuel Noriega) نى تەختىدىن چۈشۈردى.     


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر