تارىختىكى بۈگۈن: 6 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1318813
تارىختىكى بۈگۈن: 6 – دېكابىر
  • يىل 1865، 6 –دېكابىر...
  • ئامېرىكادا ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان 13-ماددا ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى. قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى بولغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئابراھام لىنكولىن (Abraham Lincoln)شۇ يىلى 18-ئاپرېل سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.
  • 1907-يىلى 6–دېكابىر ئامېرىكانىڭ مومېنگاھ (Monongah) شەھىرىدە، 362 كان ئىشچىسى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1950-يىلى 6–دېكابىر خىتاي كورېيە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. ب د ت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى پىيوڭياڭ شەھىرى شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.
  • 1959-يىلى 6–دېكابىر تۈركىيە تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنى كۈتۈۋالدى. پىرېزىدېنت ئېزىنخاۋېر (Eisenhower) تۈركىيەنى رەسمىي زىيارەت قىلدى.
  • 1971-يىلى 6–دېكابىر ھىندىستاننىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان باڭلادېشنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ۋە ھەربىي كىرىزىس پارتلىدى.
  • 1997-يىلى 6–دېكابىر رۇسىيەنىڭ ئانتونوۋ (Antonov) تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى سىبىرىيەدە تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 67 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 2008-يىلى 6–دېكابىر ئافېنادا 15 ياشلىق بىر بالىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن نامايىشلار باشلاندى، بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان نامايىشلاردا يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى.
  • 2017-يىلى 6–دېكابىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەلچىخانىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. مەزكۇر قاراردىن كېيىن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرىپ، شەرقىي قۇددۇسنىڭ پەلەستىن پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر