تارىختىكى بۈگۈن: 6 – سېنتەبىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
1264893
- يىل 1566، 6-سېنتەبىر...
- غەرب تارىخچىلىرى «ھەشەمەتلىك» دەپ ئاتىغان ئوسمانلى ئىپېراتورلۇقىنىڭ 10-ھۆكۈمدارى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان زىگېتۋار (Zigetvar) ئەتراپىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
- 1939-يىلى 6-سېنتەبىر ناتسىست ھۆكۈمىتى گېرمانىيەدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ سېرىق رەڭلىك يەھۇدىي يۇلتۇزىنى تاقاش سىياسىتىنى مەجبۇرىي يۈرگۈزدى.
- 1975-يىلى 6-سېنتەبىر دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2 مىڭ 385 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
- 1980-يىلى 6-سېنتەبىر سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى جەنۇبىي كورېيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتتى. ۋەقەدە 249 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
- 1986-يىلى 6-سېنتەبىر ئىستانبۇلدىكى نېۋا شالوم چېركاۋىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 21 يەھۇدىي جېنىدىن ئايرىلدى، تۆت كىشى يارىلاندى.
- 1998-يىلى 6-سېنتەبىر ياپونىيە كىنو فىلىم ساھەسىدىكى داڭلىق رېژىسسور ئاكىرا كۇروساۋا 88 يېشىدا توكيودا ئالەمدىن ئۆتتى.
- 2007-يىلى 6-سېنتەبىر ئەر يۇقىرى ئاۋاز ئارتىسى لۇچانو پاۋاروفتى (Luciano Pavarotti) ئىتالىيەنىڭ مودېنا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...