تارىختىكى بۈگۈن: 31 – يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1136507
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – يانۋار
  • يىل 1729، 31-يانۋار...
  • ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە تۇنجى كىتاب بېسىلدى. 1727-يىلى تۈركچە كىتاب ۋە گېزىت بېسىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تۇنجى باسمىخانا بولغان «دارۈتتابائا» دا بېسىلغان كىتاب، ۋانى مەھمەت بىن مۇستافا تەرجىمە قىلغان فارابلىق جەۋھەرىنىڭ «سىھاھى جەۋھەرى» ناملىق ئەرەبچە لۇغەتنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى ئىدى.
  • ئىبراھىم مۈتەفەررىكا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تۇنجى مەتبەئەنى 1719-يىلى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
  • 1876-يىل 31-يانۋار ئامېرىكادىكى بارلىق قوڭۇر تەنلىكلەر ئۆزلىرىگە ئايرىلغان مەخسۇس رايونلاردا ياشاشقا مەجبۇرلاندى.
  • 1942-يىل 12-ئۆكتەبىر كرىستوف كولومبونىڭ ھىندىستاننى تاپتىم دەپ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىشى بىلەن تەڭ، ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قارا زۇلمەتلىك كۈنلەر باشلاندى. يېڭى دۇنيادا ياشاش ۋە بايلىقلارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ياۋروپالىقلار، ئامېرىكاغا كۆچتى. ياۋروپادىن كەلگەن ئامېرىكالىقلار دەپ ئاتالغان بۇ خەلقلەر، قوڭۇر تەنلىكلەرنى زېمىنلىرىدىن ھەيدەشكە، خىلمۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ئۆلتۈرۈش ۋە مەدەنىي چەكلىمىلەر بىلەن يوقىتىشقا باشلىدى. قوڭۇر تەنلىكلەرگە قىلىنغان زۇلۇملاردىن بىرى ئۇلارنى ئۆزلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن رايونلاردا ياشاشقا مەجبۇر قىلىش ئىدى.
  • 2000-يىلى 8-سېنتەبىر ئامېرىكا قوڭۇر تەنلىكلەر ئىشلىرى بىيوروسىنىڭ باشلىقى، غەربلىكلەر يۈرگۈزگەن «ئېتنىك تازىلاش» ھەرىكىتىدە بىيورونىڭ رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك رەسمىي ئەپۇ سورىدى.
  • ئوسمانلى دەۋرىنىڭ 19-ئەسىردىكى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان شائىرى ۋە يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان رەجائىزادە مەھمۇت ئەكرەم 1914-يىل 31-يانۋار كۈنى بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى. رەجائىزادە مەھمۇت ئەكرەم 1847-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ياشلىق مەزگىللىرىدە ياخشى مائارىپ تەربىيەسى كۆردى ۋە دۆلەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ تۇنجى ئەسەرلىرىنى «ۋەتەن شائىرى» دەپ ئاتالغان نامىق كامال باشقۇرۇشىدىكى «تاسۋىرى ئەفكار گېزىتى» دە ئېلان قىلدى. ئۇ 1870-يىلدىن كېيىن، پۈتۈن ۋاقتىنى يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئاتىدى ۋە غەرب ئەدەبىياتىدىن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. 1870-يىلى «ئافىفە ئانژېلىك» ناملىق دراممىسىنى، 1871-يىلى «نەغمەئى سەھەر» ناملىق شېئىر كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئۇ يازغان بىردىنبىر رومانى، تۈرك ئەدەبىياتىدا رىيالىزمنىڭ تۇنجى ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «ماشىنا سەۋداسى» ناملىق ئەسەردۇر.
  • داڭلىق يازغۇچى ۋاپات بولغان ئۇ كۈنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىكى مەكتەپلەر دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى ۋە ناھايىتى چوڭ جىنازە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.    


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر