تۈركىيە كوماندىسى گاللېر كوماندىسى بىلەن گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىنى ئوينايدۇ

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ 8-مەيدان مۇسابىقىسى ئەتە (21-نويابىر) تۈركىيە كوماندىسى بىلەن گاللېر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2066285
تۈركىيە كوماندىسى گاللېر كوماندىسى بىلەن گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىنى ئوينايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكا دىرېكتورى ۋەنسېنزو مونتېللا بىلەن كوماندىنىڭ بىر ماھىرى بۈگۈن (20-نويابىر) ئەنقەرە ۋاقتى 20.45، ئۈرۈمچى ۋاقتى 23 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان «كاردىف سىتى» تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مۇسابىقىلىرىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى، گۇرۇپپىسىدا 16 نومۇر بىلەن بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. كىرودىيە 23 نومۇر بىلەن ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى، گاللېر بولسا 11 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا.

گاللېر-تۈركىيە مۇسابىقىسى ئەنقەرە ۋاقتى 22.45، ئۈرۈمچى ۋاقتى (22-نويابىر) 1 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدۇ. مۇىسابىقە «1-ت ر ت» قانىلىدا بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر