ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ پۇتبولى تونۇشتۇرۇلدى

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ پۇتبول توپىنى تونۇشتۇردى.

2065074
ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ پۇتبولى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا تېپىلىدىغان رەسمىي مۇسابىقە توپىنى تونۇتتى.

ئادىداس شىركىتى ياسىغان ۋە نېمىسچىدا «پۇتبول سۆيگۈسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «فۇسبال لىبې» (Fussballliebe) دەپ نام بېرىلگەن توپنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پايتەخت بېرلىندىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىدا، يېڭى تېخنىكا سايىسىدا توپنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئىگەللىگىلى بولىدىغانلىقىنى؛ بۇنىڭ سىن ياردەمچىسى رېپېرنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى 14-ئىيۇندىن 14-ئىيۇلغىچە گېرمانىيەنىڭ ئوخشىمىغان 10 شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر