ھاماس-ئىسىرائىلىيە توقۇنۇشى تەنتەربىيە دۇنياسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە

ھاماس بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تەنتەربىيە دۇنياسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.

2052536
ھاماس-ئىسىرائىلىيە توقۇنۇشى تەنتەربىيە دۇنياسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ بۇندەسلىگا مايىنز كۇلۇبى پۇتبول ماھىرى ئەنۋەر ئەلغازى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلدى.

مايىنز كۇلۇبى يىلتىزى ماراكەشلىك پۇتبولچى ئەنۋەر ئەلغازى بىلەن بولغان توختامنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «ئەنۋەر ئەلغازى تاراتقۇ ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرنىڭ كۇلۇبنىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى» ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ كوماندا مەشىقلىرىگە ۋە مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يىلتىزى ماراكەشلىك پۇتبولچى ئەنۋەر ئەلغازى ئىسىرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى توغرىسىدا تاراتقۇ ئادرېسىدا «دەريادىن دېڭىزغىچە، پەلەستىن ئەركىن بولىدۇ» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى.

ئەنۋەر ئەلغازى گوللاندىيە دۆلەتلىك كوماندىسىدىمۇ پۇتبول ئوينىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر