ئەردوغان تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىرودىيە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.

2050529
ئەردوغان تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمانجان باك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى:

«سىلەرنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ناھايىتى ياخشى نەتىجە قازاندىڭلار، ئەمەلىيەتتە بۇ غەلىبە ناھايىتى تەسلىكتە ئېرىشكەن نەتىجە ئىدى. بۇ نەتىجە ئارقىلىق بىز رەت تەرتىپىنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزىلدۇق.»

تۈركىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى مونتىلا مۇنداق دېدى:

 «پۇتبۇل ساھەسىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىش مەن ئۈچۈن ناھايىتى زور شان - شەرەپتۇر. بۇنداق زور غەلبىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:

 «سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، مەن سىلەردىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر