بۈگۈن تۈركىيە - كىرودىيە كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

بۈگۈن تۈركىيە - كىرودىيە پۇتبول كوماندىلىرى كىرودىيەنىڭ ئوسىجېك شەھىرىدىكى ئوپۇس تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

2049698
بۈگۈن تۈركىيە - كىرودىيە كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2024 – يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقلىرى <د> گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتىنچى مۇسابىقىسىدە بۈگۈن كىرودىيە كوماندىسى  بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ.

كىرودىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا تۈركىيەدىن ئۈستۈن.

كىرودىيەنىڭ ئوسىجېك شەھىرىدىكى ئوپۇس تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە ئەنگلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ئانتونىي تايلور رىپېرلىق قىلىدۇ.

تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدىغان بۇ ھالقىلىق مۇسابىقىنى TRT 1، tabi.com ، trtspor.com.tr ۋە TRT Radyo 1 قاتارلىقلار قانال، رادىيو ۋە تور بەتلىرى بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

گۇرۇپپىدىكى كوماندىلاردىن لاتۋىيە كوماندىسى بىلەن ئەرمېنىيە كوماندىسىمۇ  بۈگۈن مۇسابىقىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر