ئەردوغان خىزمەتداشلىرى بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاسكېتبول ئوينىدى.

2041437
ئەردوغان خىزمەتداشلىرى بىلەن ۋاسكېتبول ئوينىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ سانائەت، سودا، ئېنېرگىيە، تەبىئىي بايلىقلار، ئۇچۇر ۋە تېخنىكا كومىتېتى رەئىسى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا ۋارانك، ئەردوغاننىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاسكېتبول ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

ۋارانك ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا «ئۈستەلدە، مەيداندا، تەنتەربىيەدە كۈرەش قىلىشقا داۋام» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھرىلىگەن سىن ھۆججىتىدە، ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ھويلىسىدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا خىزمەتداشلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ۋاسكېتبول ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى  ئورۇن ئالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر