خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.
2039702
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىگەن. شۇنداقلا خەلقئارا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ھەم دۇنيا تەنتەربىيەسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.