يېپەك يولى راللىسىنىڭ ماھىرلىرى ۋېنگىرىيەدە ئۇچراشتى

دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئاپتوموبىل يىغىلىشلىرىنىڭ بىرى بولغان ياۋروپا-شەرق / شەرق-غەرب دوستلۇق راللى مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى بېكىتى بولغان يىپەك يولى راللىسى باشلاندى.

2027228
يېپەك يولى راللىسىنىڭ ماھىرلىرى ۋېنگىرىيەدە ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن 40 ماھىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، تۈركىيەدىن ئۆتۈپ موڭغۇلىيەگە بارىدىغان يىپەك يولى راللېي مۇسابىقىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، 19-ئاۋغۇست گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە ۋە ئىتالىيەدىن يولغا چىققان ماھىرلار 20-ئاۋغۇست ۋېنگىرىيەدە ئۇچراشتى.

16-سېنتەبىر (2023) گىچە 11 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدىغان بۇ يىغىلىش سېربىيە، بۇلغارىيە، تۈركىيە، ئىران، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن ئۆتۈپ  موڭغۇلىيەدە ئاخىرلىشىدۇ.

شەرقىي غەرب دوستلۇق ۋە تىنچلىق راللى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نادىر سېرىن ياۋروپا پارلامېنتىدا (AP)، بۇ يىغىلىشنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرىنىڭ تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ: «بۇ يىغىلىشنى تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇش دائىرىسىدە تەشكىللەۋاتىمىز، ماھىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەت ئەللىك، ئۇلار بۇ يىل ئالتە دۆلەت قاتناشتى، بىز 20 ئاپتوموبىل ۋە 40 ئادەم بىلەن يولغا چىقىمىز. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار تۈركىيەدە كۆرگەن مېھماندوستلۇق سەۋەبىدىن دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن بىزنىڭ پىدائىي باش ئەلچىلىرىمىز بولىدۇ. شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش، بولۇپمۇ ياۋروپادا ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ مۇھىم. يىپەك يولى راللىسى ئانادولۇدىن ئۆتۈپ، دوناي دەرياسىنى ئورخۇن ۋادىسىغا تۇتاشتۇرىدۇ. بىز بۇ ئاپتوموبىللارنى بۇلتۇرقى تۇنجى قېتىملىق يىغىلىشتىكىگە ئوخشاش، بۇ يىلمۇ ئەڭ ئاخىرقى بېكەتكە ئىئانە قىلىمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر