تۈركىيە ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى
تۈركىيە ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى 2023-يىللىق ياۋروپا ئالتۇن لەۋھە تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۇكرائىنا كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن مەغلۇب قىلىپ، چېمپىيون بولدى.
2004237
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى كىرودىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق ياۋروپا ئالتۇن لەۋھە تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۇكرائىنا كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن مەغلۇب قىلىپ، چېمپىيون بولدى.
تۈركىيە ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، 27-30-ئىيۇل كۈنلىرى قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەسى لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەسى لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان دۆلەت كوماندىسى، 2024-يىلى خەلقئارا ۋالىيبول دۆلەتلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.