تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇسابىقىسى ئەتە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇسابىقىسى 25-مارت ئەرمېنىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت (Republican) تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1964435
تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇسابىقىسى ئەتە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىدا 25-مارت (2023) ئەرمېنىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغان تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى، ئىستانبۇلدىكى تەييارلىقلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ رىۋادىكى ھاسان دوغان دۆلەت كوماندىلىرى كامپ ۋە تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى تەييارلىق مەشىقلىرىگە، بارلىق ماھىرلار قاتناشتى.

تۈركىيە كوماندىسى بۈگۈن (24-مارت) ئەرمېنىيە پايتەختى يېرىۋانغا يېتىپ بارىدۇ.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكا تىرېنېرى ستېفان كۇنتز بىلەن كوماندا ماھىرى جەنگىز ئۈندەر ئەرمېنىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر