فەنەرباھچە كوماندىسى قان تەقدىم قىلىش سەپەرۋەرلىكىنى باشلىدى

فەنەرباھچە پۇتبول كوماندىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن «ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك #يەنەقانىمىزبار!» (#kanımızdavar!) شوئارى ئاستىدا قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە قان تەقدىم قىلىش سەپەرۋەرلىكىنى باشلىدى.

1947606
فەنەرباھچە كوماندىسى قان تەقدىم قىلىش سەپەرۋەرلىكىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباغچە پۇتبول كوماندىسى بىلەن قىزىلئاي جەمئىيىتى بىرلىكتە «ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك #يەنەقانىمىزبار!» شوئارى ئاستىدا باشلىغان قان تەقدىم قىلىش سەپەرۋەرلىكى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تۈنۈگۈن (16-فېۋرال) ئۈلكەر تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەنقەرە ۋاقتى 09.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 12.00 دە باشلاندى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ داۋالىنىش ئاستىغا ئېلىنغان پۇقرالىرىمىز ئۈچۈن باشلانغان قان تەقدىم قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە، كۇلۇب خىزمەتچىلىرى، تەنتەربىيەچىلەر، سابىق پۇتبولچىلار، كۇلۇب مەستانىلىرى ۋە باشقا پۇقرالار ئاۋاز قوشتى.

قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا، سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن گۇۋاھنامە بېرىلدى. بۇ كۈنلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلاشماقچى بولغانلار ئۈچۈنمۇ بېغىشلىما خاتىرە دەپتىرى تۇتۇلدى.

تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئېكرانغا «#يەنەقانىمىزبار! جانلىرىمىزغا جان بولۇش ئۈچۈن سىزنى قان بېرىشكە تەقدىم تەكلىپ قىلىمىز» دېگەن شوئار يېزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر