ماكرون ماراكەش كوماندىسىغا مەدھىيە ئوقۇدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىدە، فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشكەن ماراكەش كوماندىسىنى ماختىدى.

1919182
ماكرون ماراكەش كوماندىسىغا مەدھىيە ئوقۇدى
katar emiri seyh temim bin hamed al sani-macron.jpg
macron katar fransa-fas.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون قاتار پايتەختى دوھادا فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئافرىقادىن تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە ئۆرلىگەن كوماندا ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ماراكەشنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچقا ئۆرلىگەن مۇسابىقىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ: «ماراكەشلىكلەرگە شۇنى دېيىشنى خالايمەن، مۇسابىقىلەشكەن كوماندىلار ھەقىقەتەن چوڭ كوماندىلار. ماراكەش كوماندىسى بۇ دۇنيا لوڭقىسىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنى ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى» دېدى.

ئۇ يەكشەنبە كۈنى (2022-يىلى 18-دېكابىر) ئۆتكۈزۈلىدىغان ئارگېنتىنا-فىرانسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىمۇ قاتاردا كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاتار ئەمىرلىك دىۋانىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە-ماراكەش مۇسابىقىسى ئۈچۈن دوھاغا كەلگەن ماكرون، «ئەل بەيت» تەنتەربىيە مەيدانىدا قاتار ئەمىرى شەيخ  ئالسانى بىلەن كۆرۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر