دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا چۈشىدىغان بىرىنچى كوماندا ئېنىق بولدى

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بىرىنچى يېرىم ھەل قىلغۇچى بولغان ئارگېنتىنا-كىرودىيە مۇسابىقىسى، ئارگېنتىنانىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

1918559
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا چۈشىدىغان بىرىنچى كوماندا ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا-كىرودىيە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، كىرودىيە كوماندىسىنىڭ 0 گە قارشى 3 نەتىجىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 34 مىنۇت ئۆتكەندە، ئارگېنتىنا ماھىرى لىيونېل مېسسى 11 قەدەمدىن بېرىلگەن جازا توپ تېپىشتا، بىر كىرودىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. ئارقىدىن يەنە ئارگېتىنا ماھىرى خۇلىيان ئالۋارېز 39 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە 69 مىنۇت ئۆتكەندە بىردىن ئىككى توپ كىرگۈزدى.

ئارەېنتىنا كوماندىسى بۇ نەتىجە بىلەن، 18-دېكابىر (2022) يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە، فىرانسىيە-ماراكەش مۇسابىقىسىدە ئۇتقان كوماندا بىلەن لۇسايىل تەنتەربىيە مەيدانىدا چۈشىدۇ.

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئەنقەرە ۋاقتى 18.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21.00 دە باشلىنىدۇ.

كىرودىيە كوماندىسى فىرانسىيە-ماراكەش مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان كوماندا بىلەن ئۈچىنچىلىكنى تالىشىدۇ.

ئارگېنتىنالىق لىيونېل مېسسى دۇنيا لوڭقىسىدا قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەن 11 توپى بىلەن، ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر