كىرودىيە- ياپونىيە مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى مەغلۇب بولدى

كىرودىيە- ياپونىيە مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى 11 قەدەمدىن تېپىشتا ئىككى توپ قاچۇرۇپ قويۇپ، كىرودىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

1915120
كىرودىيە- ياپونىيە مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى مەغلۇب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرودىيە كوماندىسى  نورمال مۇسابىقە ۋاقتى ۋە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا نەتىجە 1-1 بولغان رىقابەتتە، 11 قەدەمدىن تېپىشتا نەتىجىنى 2 گە قارشى 4 كە چىقىرىپ، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

ياپونىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 43 مىنۇت ئۆتكەندە كىرودىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0-1 گە چىقاردى ۋە بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىنى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

كىرودىيە كوماندىسى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە بىر كاللا توپ بىلەن ياپونىيەنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1-1 گە ئۆزگەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن، مۇسابىقىنىڭ 90 مىنۇتلۇق نورمال ۋاقتى ۋە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا نەتىجە ئۆزگەرمىدى. ئەمما، 11 قەدەمدىن تېپىشتا، كىرودىيە كوماندىسى نەتىجىنى 2 گە قارشى 4 كە چىقىرىپ، چارەك ھەل قىلغۇچقا چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر