2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى قاتاردا باشلاندى

2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى (FIFA) تۈنۈگۈن (20-نويابىر) قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن باشلاندى.

1908616
2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى قاتاردا باشلاندى
FIFA World Cup Qatar 2022  5
FIFA World Cup Qatar 2022 4
FIFA World Cup Qatar 2022 3
FIFA World Cup Qatar 2022 2
FIFA World Cup Qatar 2022 erdogan

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   تۇنجى قېتىم ئەرەب دۇنياسىدىكى بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ قاتار پايتەختى دوھاغا جايلاشقان ئەل بەيت تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنى 60 مىڭ تاماشىبىن كۆردى.

دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچى مورگان فرىمەن (Morgan Freeman) قاتناشقان ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ قاتاردا بىر يەرگە جەم بولۇشى تەكلىپ قىلىنغان مۇراسىمدا، كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

يەرلىك سەنئەتچىلەرنىڭ ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە ب ت س (BTS) گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇڭ كۇك بىلەن قاتار ناخشىچىسى فاھاد ئەل قۇبائىسى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ رەسمىي ناخشا-مۇزىكىسى «Dreamers» نى ئورۇنلىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، پۇتبولنىڭ بىر قەبىلە بولۇپ بىر يەرگە جەم بولۇشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە ئادەم ئىچىدە ياشايدىغان بىر چېدىر ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلدى.

مۇراسىم، قاتار ئەمىرى شەيخ ئالسانىنىڭ نۇتۇقى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەي بەيت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2022-يىلىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسى بولغان  قاتار-ئېكۋادور مۇسابىقىسىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆردى.

مىليونلارچە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېلېۋىزوردا نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پىروگراممىدا كۆرىدىغان بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا، 32 دۆلەتنىڭ كوماندىسى جەمئىي 62 مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. لوڭقا 2022-يىلى 18-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر