ئەردوغان  تەنتەربىيەنى قوللاپ بايانات ئېلان  قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ 17 – نۆۋەتلىك  تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلار يىغىنىغا ئاتاپ بايانات ئېلان  قىلدى.

1898087
ئەردوغان  تەنتەربىيەنى قوللاپ بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، بايانتىدا، ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلىرىنى تۈركىيەدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى تەنتەربىيە دۆلىتىگە ئايلاندۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ، تەنتەربىيەدىكى دوستلۇق ۋە تىنچلىق روھىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلار دۇنيا كۈن تەرتىپىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تەنھەرىكەتنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرگۈچى ۋە باغرىغا باسقۇچى تەرىپىگە تېخىمۇ كۆپ موھتاجمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ئاڭنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، بىز ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر