دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مەغلۇبىيەتسىز ئىلگىرىلىمەكتە

دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى سېربىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە يەڭدى.

1851039
دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مەغلۇبىيەتسىز ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 19 - نۆۋەتلىك ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە سېربىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، مەغلۇبىيەتسىز ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئالجىرىيەنىڭ ئوران شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سېربىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشتى؛ 25-21 ، 25-14 ۋە 25-23 نەتىجىلەر بىلەن رەقىبىنى 0 گە قارشى 3 نومۇر  بىلەن مەغلۇپ قىلغان كوماندىمىز ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 7-قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى.

سېتكانىڭ سۇلتانلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى ئىتالىيە - ئىسپانىيە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولىدۇ؛ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 4-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 18.30 دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر