تارىخىي كىرىكپىنار چېلىشىشلىرى باشلاندى

كىرىكپىنار 661-قېتىملىق ئەنئەنىۋى ياغلىنىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ساراي ئىچى ئەر تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى.

1850816
تارىخىي كىرىكپىنار چېلىشىشلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىكپىنار ياغلىنىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ساراي ئىچى ئەر تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى.

بۇ قېتىمقى ياغلىنىپ چېلىشىش مۇسابىقىسىغا 14 تۈر بويىچە 2475 چېلىشىشچى تىزىملاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 54 پالۋان بار.

مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرى پالۋانلار قەبرىستانلىقىدا، مەرھۇم پالۋانلار ئۈچۈن دۇئالار ئوقۇلدى.

تارىخىي كىرىكپىنار ياغلىنىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرى يەكشەنبە كۈنى (3-ئىيۇل) ئاخىرلىشىدۇ. ت ر ت سپور قانىلى مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر