پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىقى ئەسلىگە كەلدى

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى.

1850678
پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىقى ئەسلىگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىگە قويغان بارلىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىگە قايتا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا قارار چىقاردى.

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى 2021-يىلى ئاپرېلدا سەيىد ئاشفاق ھۈسەيىن شاھ باشچىلىقىدىكى سابىق ئەزالارنىڭ پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، مەركەزنى ئىگەللىۋېلىشى سەۋەبىدىن پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىقىنى توڭلىتىپ قويغان ئىدى.

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى ئەينى ۋاقىتتا، پاكىستاندا ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن نورماللاشتۇرۇش كومىتېتى پاكىستان پۇتبول فېدېراتسىيەسىگە تەۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر، بانكا ھېسابلىرى، باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر-ئالاقە قاناللىرىنىڭ تولۇق كونتروللۇققا ئېلىنغانلىقىنى تەستىقلىمىغان ئەھۋالدا، پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرىيەتلىك ھوقۇقى 2019-يىلى سايلامنىڭ خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قائىدەلىرىگە ئۇيغۇن ئۆتكۈزۈلمەسلىكى سەۋەبىدىن خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ۋە ھارۇن مالىك باشچىلىق قىلغان نورماللاشتۇرۇش كومىتېتىغا بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر