گىرېتسىيە مېئىس ئارىلى بىلەن ئانتاليا كاش ناھىيەسى ئارىسىدا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

گىرېتسىيەنىڭ مېئىس ئارىلى بىلەن ئانتاليانىڭ كاش ناھىيەسى ئارىسىدا 7.1 كىلومېتىرلىق سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

1848513
گىرېتسىيە مېئىس ئارىلى بىلەن ئانتاليا كاش ناھىيەسى ئارىسىدا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
Meis-Kaş Yüzme Yarışı ..jpg
Meis-Kaş Yüzme Yarışı ....jpg
Meis-Kaş Yüzme Yarışı ...jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:كاش ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل (2022) 23-قېتىملىق خەلقئارا لىكيا كاش مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى دائىرىسىدە، خەلقئارالىق مېئىس-كاش سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى.

«ئىككى دۆلەتتە بىر مۇسابىقە» شوئارى بىلەن بۇ يىلقى 16-قېتىملىق مۇسابىقىگە، سەككىز دۆلەتتىن 125 ماھىر قاتناشتى. ماھىرلار ئەتىگەندە كاش ناھىيەسىدىن قولۋاقلار بىلەن مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان مېئىس ئارىلىغا ئاپىرىلدى. بۇ يەردىكى تەييارلىقلاردىن كېيىن، ئەنقەرە ۋاقتى 09.00 دا تۈركىيە كاش ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە گىرېتسىيە مېئىس شەھەر باشلىقىنىڭ كوماندا بېرىشى بىلەن مۇسابىقە باشلاندى.

مۇسابىقىدە، ئەرلەردە 1 سائەت 44 مىنۇت 3 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئەمراھ بەكىر بىرىنچى بولدى. ئاياللار تۈرىدە، 2 سائەت 21 مىنۇت 49 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن سەدا بانلى بىرىنچى بولدى.

ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى مۇسابىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر