مەلىس ئۆزچىغدەم گىرۇزىيە - ئېرىلاندىيە مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلىدۇ

مەلىس ئۆزچىغدەم 27-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى گىرۇزىيە بىلەن ئىرېلاندىيە كوماندىلىرىنىڭ ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ئاياللار دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ A گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

1848123
مەلىس ئۆزچىغدەم گىرۇزىيە - ئېرىلاندىيە مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن رېپېر مەلىس ئۆزچىغدەم 27-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى گىرۇزىيە بىلەن ئىرېلاندىيە كوماندىلىرىنىڭ ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ئاياللار دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ A گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

تۈركىيە پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، گىرېتسىيەنىڭ گورى شەھىرىدىكى بۇركانادزې تەنتەربىيە زالىدا شۇ يەر ۋاقتى 19.00 دە باشلىنىدىغان مۇسابىقىدە مەلىس ئۆزچىغدەمگە دەيبەت گۆك ۋە مۈرۋەت ياۋزۇتۈرك ياردەملىشىدىكەن. مۇسابىقىنىڭ تۆتىنچى رېپىرى نەسىلخانمۇراتداغى بولىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن ياردەمچى ئايال رېپىرلارنىڭ بىرى بولغان سەدەف ئاقتانمۇ 27-ئىيۇندىن 9-ئىيۇلغىچە چېخىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى 19 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر