زىرات تۈركىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى ئەتە باشلىنىدۇ

زىرات تۈركىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئەتە (2022-يىلى 10-ماي) باشلىنىدۇ.

1824189
زىرات تۈركىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپور توتو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغان ترابزونسپور ئەتە يۇكاتېل قەيسەرىسپور كوماندىسىنىڭ مېھمىنى بولىدۇ.

مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 20.30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 23.30 دا قەيسەرى شەھەرلىك كادىر ھاس تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

باشقا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، دەمىر گۇرۇپ سىۋاسپور 11-ماي چارشەنبە كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى 20.30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 23.30 دا ئايتەمىز ئالانياسپور كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئالانيادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، دەمىر گۇرۇپ سىۋاسپور كوماندىسى ئالانياسپور كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە يىڭىپ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

زىرات تۈركىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 26-ماي پەيشەنبە ئاتاتۈرك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر