جۇمھۇر رەئىسلىك ۋېلىسپت مۇسابىقىسى بودرۇمدىن باشلىنىدۇ

«تارىخقا ۋە تەبىئەتكە ھۆرمەت» شوئارى بىلەن بۇ يىل (2022) 57-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى يەكشەنبە كۈنى (10-ئاپرېل) باشلىنىدۇ.

1809367
جۇمھۇر رەئىسلىك ۋېلىسپت مۇسابىقىسى بودرۇمدىن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 57 -نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى 10-ئاپرېل بودرۇمدىن باشلىنىپ، 17-ئاپرېل ئىستانبۇلدا ئاخىرلىشىدۇ. مۇسابىقىگە 14 دۆلەتتىن كەلگەن 25 كوماندا ۋە 175 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ.

ت ر ت ۋە يۇروسپورت (Eurosport) قاناللىرى مۇسابىقە جەريانىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، مۇكاپاتقا تۇنجى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ. «تۈركىيە ساياھىتى» (Tour of Türkiye) نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىدە، چېمپىيونلۇق مۇكاپاتلىرى NFT شەكلىدە تەييارلىنىدۇ، بۇ سەھنە، سۇ ئۈزۈش كىيىمى ۋە لوڭقىسى قاتارلىق ئۈچ خىل بولىدۇ.

مۇسابىقىنىڭ تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋېلىسپىت فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى ئەمىن مۈفتۈئوغلۇ: «1303 كىلومېتىر بىلەن، مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ. بودرۇمدا مۇسابىقە باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن 57-نۆۋەتلىك خەلقئارا جۇمھۇر رەئىسلىك تۈركىيە ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى خاتىرە ئورمىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىمىز. بىر كىلومېتىرغا بىر كۆچەت، جەمئىي 1303 كۆچەت تىكىمىز» دېدى.

ئۇ مۇسابىقە لىنيەلىرىدە 1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇسابىقىنىڭ 2022-يىللىق لىنيە پىروگراممىلىرى، تەخمىن قىلىنغان باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقىتلىرى (ئەنقەرە ۋاقتى) تۆۋەندىكىچە:

10-ئاپرېل: بودرۇم-كۇشاداسى (14:00-09:00)

11-ئاپرېل: سەلچۇك (ئەفەس)-ئالاچاتى (14:30-10:45)

12-ئاپرېل: چەشمە-ئىزمىر (كارشىياكا) (14:30-11:50)

13-ئاپرېل: ئىزمىر (كوناك)-مانىسا (سپىل) (14:30-10:50)

14-ئاپرېل: مانىسا-ئايۋالىك (10.00 – 14.30)

15-ئاپرېل: ئەدرەمىت (ئاكچاي)-ئەجەئابات (57-بىرىگادا شېھىتزارلىقى) (09.30 – 14.35)

16-ئاپرېل: گەلىبولۇ-تەكىرتاغ (11.00 – 14.30)

17-ئاپرېل: ئىستانبۇل-ئىستانبۇل (08.15 – 11.31)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر