بۈگۈن تۈركىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى بۈگۈن (29-مارت) ئەنقەرە ۋاقتى 21:45، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:45 (30-مارت) ئۆتكەندە، ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

1803794
بۈگۈن تۈركىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-ئىتالىيە مۇسابىقىسى كونيا شەھەرلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىگە ئالبانىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ خادىمى ئېنا يورجى رېپېرلىق قىلىدۇ.

تۈركىيە 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى (FIFA) نىڭ ياۋروپادىكى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسىغا 3 كە قارشى 1 نەتىجە، شىمالىي ماكېدونىيە كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشقان ئىدى.

تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى كونا رەقىبى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن 11 مەيدان مۇسابىقەگە چۈشكەن بولۇپ، 3 مەيدان تەڭلەشكەن، 8 مەيدان مەغلۇب بولغان ئىدى.

تۈركىيە-ئىتالىيە مۇسابىقىسىنىڭ جەريانى ت ر ت سپور، ت ر ت ئىزلە قاناللىرىدا، «trtspor.com.tr» ئادرېسىدا ۋە «1-ت ر ت رادىيو» دە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر