مىسىر كوماندىسى ئافرىقا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

ئافرىقا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلغان كامېرون كوماندىسى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ئىككىنچى كوماندىنى بەلگىلەيدىغان مۇسابىقىدە، مىسىر كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشتى.

1773412
مىسىر كوماندىسى ئافرىقا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021 -يىللىق ئافرىقا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈشنى تالاشقان مىسىر-كامېرون كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىدە، ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. 11 قەدەمدىن توپ تېپىشتا، مىسىر كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، سېنېگال كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

90 مىنۇتلۇق ئىككى مەيدان مۇسابىقە ۋە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا، ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. ئەمما، 11 قەدەمدىن توپ تېپىشتا، مىسىر كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈك قازاندى.

مىسىر دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ۋە تۈركىيە گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ماھىرى مۇستافا مۇھەممەد مۇسابىقىدە، 105 مىنۇت توپ ئوينىدى.

مىسىر كوماندىسىنىڭ تېخنىكا تېرېنېرى كارلوس كۋىروز (Carlos Queiroz) غا، رېپېرغا بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن مۇسابىقە باشلىنىپ 90 مىنۇت ئۆتكەندە قىزىل كارت بېرىلدى. مىسىر-كامېرون مۇسابىقىسىنى خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) نىڭ باشلىقى گىياننى ئىنفانتىنو (GianniInfantino) بىلەن كامېرون پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى سامۇئېل ئېتو (Samuel Eto) رەئىس سەھنىسىدىن كۆردى.

ئافرىقا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى 6-فېۋرال (2022) ئولېمبا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مىسىر-سېنېگال ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بەلگىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر