مىلان كوماندىسى رىم كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى
ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 20-ھەپتىسىدە، مىلان كوماندىسى رىم كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.
1758844
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىلان-رىم كوماندىسىنىڭ جۇزۇپپې مېياززا (Giuseppe Meazza) تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، مىلان كوماندىسى رىم كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.
رىم كوماندىسىنىڭ ئىككى ماھىرىغا قىزىل كارت بېرىلىشى سەۋەبىدىن، مۇسابىقىنى توققۇز كىشى ئاخىرلاشتۇردى.
مىلان كوماندىسى بۇ غەلىبىسى بىلەن، نومۇرىنى 45 كە چىقاردى. رىم كوماندىسى 32 نومۇردا قالدى.