گالاتاساراي ۋە فەنەرباھچە ئاياللار پۇتبول كوماندىلىرى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىلىرى، جەمئىيەتتە ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشقا قارشى يۇقىرى ئاڭ پەيدا قىلىش ئۈچۈن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

1744419
گالاتاساراي ۋە فەنەرباھچە ئاياللار پۇتبول كوماندىلىرى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
gs fb kadina siddete son 6.jpg
gs fb kadina siddete son 4.jpg
gs fb kadina siddete son 3.jpg
gs fb kadina siddete son 2.jpg
gs fb kadina siddete son 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىلىرى، جەمئىيەتتە ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشقا قارشى يۇقىرى ئاڭ پەيدا قىلىش ئۈچۈن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

گالاتاساراي ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن فەنەرباھچە ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىنى، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى دەريا يانىك، ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل، ئىيى (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم، ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا، ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مۇدىرى بۇرھانەتتىم ھاجىجافەرئوغلۇ ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار بىلەن نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى كۆردى.

مۇسابىقە نەف تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. فەنەرباھچە ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.

مۇسابىقىدە سەككىز مىنۇتتا قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا 3 توپ كىرگۈزگەن شامېكا فىشلېي ئالاھىدە كۆزگە چېلىقتى.

مۇسابىقە باشلانغاندا، ئىككى كوماندىنىڭ ماھىرلىرى «ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش ئاخىرلاشسۇن» دېگەن شوئار يېزىلغان لوزۇنكا كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى.

گالاتاساراي ئاياللار پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت ئۆتكەندە قىزىل كارت جازاسى يىدى ۋە بىر ماھىرى ئازىيىپ 10 كىشى قالدى.

فەنەرباھچە ئاياللار پۇتبول كوماندىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 10-مىنۇتتا گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. 13-مىنۇتتا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى.

فەنەرباھچە كوماندىسى 31-مىنۇت، 34-مىنۇت ۋە 39-مىنۇت، 40-مىنۇت ۋە 51-مىنۇتلاردا ئارقا-ئارقىدىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0 گە قارشى 7 كە چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر