ئىتالىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى خاكان چالخانئوغلۇنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى

ئىتالىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى خاكان چالخانئوغلۇنىڭ بۇلۇڭ توپنى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋاقىتتا نامايان قىلغان يۇقىرى ئىقتىدارىنى باش سەرلەۋھىلىرىدە خەۋەر قىلدى.

1743482
ئىتالىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى خاكان چالخانئوغلۇنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ تەنتەربىيە گېزىتلىرى خاكان چالخانئوغلۇنى ئىنتېر كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھىرلىقىغا تاللىدى ۋە ئۇنى باش سەرلەۋھىلىرىدە خەۋەر قىلدى.

خاكان چالخانئوغلۇ مۇسابىقىدىن كېيىن، خېلى ۋاقىتتىن بېرى بۇلۇڭ توپ تېپىشنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇلۇڭ توپنى ۋاراتاغا تېپىپ كىرگۈزدۈم. بۇنى خېلى ۋاقىتتىن بېرى مەشىق قىلىۋاتاتتىم، ھەم بۇ قېتىم توپنى ناھايىتى ياخشى تەپتىم. ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ياخشى، ئۆزەمنى بەك ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر