تۈركىيە مالتا كوماندىسىنى يەڭدى

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى G گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، تۈركىيە تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى مالتا كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

1734947
تۈركىيە مالتا كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى G گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، قاراتاغ كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

بۇ پەيتتە، گوللاندىيە كوماندىسى نورۋېگىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىشى، تۈركىيە كوماندىسىنى گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى رەتكە تىزىلىشىغا سەۋەب بولدى.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى كەرەم ئاكتۈركئوغلۇ مۇسابىقە باشلىنىپ 22 مىنۇت ئۆتكەندە قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ، 60 مىنۇت ئۆتكەندە ئوركۇن كۆكچۈ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2 گە چىقاردى.

قاراتاغ كوماندىسىنىڭ ماھىرى فاتوس بېجىيارى مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندە بىر توپ كىرگۈزدى.

گوللاندىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدا 23 نومۇر بىلەن بىرىنچى، تۈركىيە كوماندىسى 21 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولدى. 18 نومۇرغا ئېرىشكەن نورۋېگىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر