ئانتاليا ياۋروپا بىليارت چېمپىيونلۇقىغا ساھىبخانلىق قىلدى

تۈركىيە دۆلەتلىك بىليارت ماھىرى ئەيلۈل كىبارئوغلۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، گوللاندىيە ماھىرى تامارا رادېماماكېرس (TamaraRademakers) نى يىڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1730826
ئانتاليا ياۋروپا بىليارت چېمپىيونلۇقىغا ساھىبخانلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك بىليارت ماھىرى ئەيلۈل كىبارئوغلۇ گوللاندىيە ماھىرى تامارا رادېماماكېرس بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشتى.

ئۇ تامارا رادېماماكېرسنى 2 گە قارشى 6 نومۇر بىلەن مەغلۇب قىلدى.

ئەيلۈل كىبارئوغلۇ 2007-يىلى چېخىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بىليارت چېمپىيونلۇقىدىمۇ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشنىڭ خۇشاللىقىنى ياشىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئەيلۈل كىبارئوغلۇ: «ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇشالمەن ۋە ئۆزەمنى ناھايىتى شەرەپلىك ھېس قىلدىم. ئەمدىكى نۆۋەت دۇنيا چېمپىيونى بولۇش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر