بەشىكتاش كوماندىسى بۈگۈن گالاتاساراي كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

بەشىكتاش بۈگۈن (2021-يىلى 5-ئۆكتەبىر) سپور توتو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 10-ھەپتىسىدە گالاتاساراينى كۈتۈۋالىدۇ.

1724590
بەشىكتاش كوماندىسى بۈگۈن گالاتاساراي كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا ۋە ئاق رەڭلىك كوماندا (بەشىكتاش) دا ئاتىبا (Atiba ) بىلەن ن.كوۋدۇ N'Kouduo ، سېرىق ۋە قىزىل رەڭلىك كوماندا (گالاتاساراي) دا بوي (Boey) بىلەن ئاردا تۇران يارىلانغانلىقتىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە چۈشەلمەيدۇ.

مۇسابىقە ۋودافون باغچىسىدا ئەنقەرە ۋاقتى 20:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:00 دە باشلىنىدۇ. فىرات ئايدىنۇس رېپېرلىق قىلىدۇ.

 ئۆتكەن 9 ھەپتە ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە بەش مەيدان ئۇتقان، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان بەشىكتاش كوماندىسى 17 نومۇرغا ئېرىشىپ، گۇرۇپپىسىدا تۆتىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. ئوخشاش نەتىجە ۋە نومۇرغا ئېرىشكەن گالاتاساراي ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7-ئورۇندا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر