دانىيە كوماندىسى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن كوماندا بولۇپ قالدى

دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئاۋستىرىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، نومۇرىنى 24 كە چىقارغان دانىيە كوماندىسى، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

1718921
دانىيە كوماندىسى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن كوماندا بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە-ئاۋستىرىيە مۇسابىقىسى پاركېن تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە 0-0 ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى مەيداندا، ساھىبخان كوماندا دانىيە كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئاۋستىرىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى.

دانىيە كوماندىسى جەمئىي سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي نومۇرىنى 24 كە چىقاردى ۋە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

شاللاش مۇسابىقىلىرىدە ۋاراتاسىغا توپ كىرگۈزمىگەن بىردىنبىر كوماندا بولغان دانىيە كوماندىسى، رەقىپ كوماندىلارنىڭ ۋاراتاسىغا جەمئىي 27 توپ كىرگۈزگۈزدى ۋە تارىختا 29 توپ كىرگۈزگەن گوللاندىيە كوماندىسىدىن قالسا، ۋاراتاغا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئىككىنچى كوماندا بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر