تۈركىيە كوماندىسى لاتۋىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ لاتۋىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەنلىكى ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى.

1718384
تۈركىيە كوماندىسى لاتۋىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى G گۇرۇپپىسىدىكى شاللاشتا، لاتۋىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ لاتۋىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەنلىكى ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى.

بۇ، ستېفان كۇنتز (Stefan Kuntz)  تۈركىيە كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى بولغاندىن كېيىن، قولغا كەلگەن تۇنجى غەلىبە بولدى.

گېرمانىيە بىلد (Bild) گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: <<تۈركىيە ئاخىرقى مىنۇتتا قولغا كەلگەن نەتىجىدىن سۆيۈنمەكتە. كۇنتز ئۈچۈن ئېيتقاندا، قالتىس مۇسابىقە بولدى>> دېيىلدى.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، گېرمانىيەنىڭ دېر شپېيگېل (Der Spiegel) گېزىتى ۋە فىرانسىيە، ئىتالىيە تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر