بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى مۇسابىقە مەيدانىغا كىرەلمىدى

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارو ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سانتوس-گرېمىيو (Santos-Gremio) پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1717671
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى مۇسابىقە مەيدانىغا كىرەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەدە تارقالغان ۋىدېئودا، دەم ئېلىش ئۈچۈن ساۋ پاۋلو (Sao Paulo) غا كەلگەن بولسونارو، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتمىگەنلىكى ئۈچۈن سانتوس-گرېمىيو مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن كۆرەلمىدى.

سانتوس كوماندىسىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان بولسونارو مەيدانغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىدىن پەيدا بولغان بىئاراملىقىنى ئىپادىلەپ: «قانداق ۋاكسىنا كارتى ۋە قانداق ۋاكسىنا پاسپورتى لازىم؟ سانتوس كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى خالايتتىم، ۋاكسىنا ئەملىتىلگەن بولۇش كېرەك، دېدىلەر. نېمە ئۈچۈن؟ مەندە ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەردىن كۆپ ئانتېتىلا بار» دېدى.

بىرازىلىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا كىشىلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى مەيداندا كۆرۈشى ئۈچۈن، ۋاكسىنا ئەملەتكەن بولۇشى ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىتىشنى خالىمىغان بولسونارو: «ئەڭ ئاخىرقى بىرازىلىيەلىك ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن، ۋاكسىنا ئاشسا، شۇ چاغدا ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى ئەملەتمەسلىكنى قارار قىلىمەن» دېگەن ئىدى.

بولسونارو ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندا ئېلان قىلغان باياناتلىرى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى نەزەرگە ئىلماسلىقى سەۋەبىدىن كۆپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بىرازىلىيە، ئامېرىكادىن قالسىلا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلگەن ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر