تۈركىيە – نورۋېگىيە مۇسابىقىسى بېلەتلىرى تۈگەپ كەتتى
ئا مىللىي كوماندىسى 2022 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋروپا شاللاش (G) گۇرۇپپىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە نورۋېگىيە كوماندىسى بىلەن 8 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا جەڭگە چۈشىدىغان مۇسابىقىنىڭ بېلەتلىرى تۈگەپ كەتتى.
1714701
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ساھىبخان كوماندىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن سېتىشقا سۇنۇلغان بېلەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 2022 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى يولىدا ئا مىللىي كوماندىمىزنى قوللىغان بارلىق تەرەپدارلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز.»