ئۆزتۈرك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

ئابدۇللاھ ئۆزتۈرك 2020-يىللىق توكيو مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جەنۇبىي كورېيەلىك يوڭكۇن كىمنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

1699771
ئۆزتۈرك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھ ئۆزتۈرك 2020-يىللىق توكيو مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر ئۈستەل تېننىس توپ يەككە ئويناش (4-دەرىجىلىك) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جەنۇبىي كورېيەلىك يوڭكۇن كىمنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

ئابدۇللاھ ئۆزتۈرك 2016-يىلى رىيودا قولغا كەلتۈرگەن چېمپىيونلۇقىنى قوغداپ قالدى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى ئۇدا ئىككىنچى قېتىم قولغا كەلتۈرگەن تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالدى. نازمىيە مۇراتلى ئىلگىرى 2012- ۋە 2016-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ئابدۇللاھ ئۆزتۈرك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدال سانىنى 3 كە چىقاردى. ئابدۇللاھ ئۆزتۇرك 2020-يىللىق توكيو مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى  بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر