ئىتالىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىنى رىمغا قايتۇرۇپ كەلدى

ئىتالىيە كوماندىسى 2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى ئېلىپ پايتەخت رىمغا يېتىپ كەلدى.

1674239
ئىتالىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىنى رىمغا قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشكەن ئىتالىيە-ئەنگلىيە كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى، نورمال ۋاقىت ۋە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا نەتىجە 1-1 بولدى. 11 قەدەمدىن تېپىشتا، ئىتالىيە كوماندىسى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن ئەنگلىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىتالىيە كوماندىسى ئارىدىن 53 يىك ئۆتكەندە ئىككىنچى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، لوڭقىنى رىمغا قايتۇرۇپ كەلدى.

ئىتالىيە خەلقى كوماندا ئەزالىرىنى ھاياجان ئىچىدە قىزغىن كۈتۈۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر