شىۋېيتسارىيە كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى

ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسى (EURO 2020) نىڭ 16 كوماندا مۇسابىقىلىرىدە گۇرۇپپىسىدا ئۆزئارا رىقابەتلەشكەن فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن شىۋېيتسارىيە كوماندىسى، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتىمۇ نەتىجىسى 3-3 تەڭلىشىپ قالدى.

1666786
شىۋېيتسارىيە كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسى (EURO 2020) نىڭ 16 كوماندا مۇسابىقىلىرىدە گۇرۇپپىسىدا ئۆزئارا رىقابەتلەشكەن فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن شىۋېيتسارىيە كوماندىسى، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتىمۇ نەتىجىسى 3-3 تەڭلىشىپ قالدى.

11 قەدەمدىن تېپىشتا، شىۋېيتسارىيە كوماندىسى 4 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى ۋە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

فىرانسىيە-شىۋېيتسارىيە كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارىستتا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ نورمال ۋاقتى ۋە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا، نەتىجە تەڭلىشىپ قالدى.

شىۋېيتسارىيە كوماندىسى 2-ئىيۇل (2021) جۈمە كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى 19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر