ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 16 كوماندا مۇسابىقىلىرى شەنبە كۈنى باشلىنىدۇ

2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى (EURO 2020) نىڭ 16 كوماندا مۇسابىقىلىرى 26-ئىيۇن (2021) باشلىنىدۇ.

1664233
ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 16 كوماندا مۇسابىقىلىرى شەنبە كۈنى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى قېتىم 11 دۆلەت ساھىبخانلىق قىلغان ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىلەر 16 كوماندا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىدۇ. كوماندىلار تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋالدا 30 مىنۇت قوشۇپ بېرىلىدۇ. قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتىمۇ نەتىجە ئۆزگەرمىسە 11 قەدەمدىن توپ تېپىش باشلىنىدۇ.

16 كوماندىنىڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى 26-29-ئىيۇن كۈنلىرى، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2-3-ئىيۇل كۈنلىرى ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 6-7-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 11-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى ۋېمبلېي (Wembley) تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزلىدۇ.

26-ئىيۇن ئەنقەرە ۋاقتى 19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە ئامستېردامدا گاللېر كوماندىسى بىلەن دانىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 27-ئىيۇن 01:00 دە ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئاۋستىرىيە كوماندىسى لوندوندا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر