تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى (EURO 2020) نىڭ ئۈچىنچى ۋە ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىۋېيتسارىيە كوماندىسىغا 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى ۋە چېمپىيونلۇق بىلەن ۋىدالاشتى.

1661882
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
a milli futbol takimi.jpg
a milli takim-isvicre.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ تۈركىيە-شىۋېيتسارىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقىدە، شىۋېيتسارىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە بىر توپ، 26 مىنۇت ئۆتكەندە بىر توپ كىرگۈزدى. 62-مىنۇتتا تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئىرفانجان قەھۋەجى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما 68-مىنۇتتا شىۋېيتسارىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى ۋە نەتىجە 1-3 بولدى.

تۈركىيە-شىۋېيتسارىيە مۇسابىقىسى، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ 3 كە قارشى 1 نەتىجە، يەنى يىڭىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قېتىملىق مۇسابىقىدە نومۇرغا ئېرىشەلمىدى ۋە ۋاراتاسىغا سەككىز توپ كىردى. ئۈچ قېتىملىق مۇسابىقىدە پەقەت بىر توپ كىرگۈزەلىدى.

تۈركىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىغا 3 كە قارشى 0، گاللېر كوماندىسىغا 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى نەتىجىدە، 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر