توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سادالىرى كۈچەيمەكتە

توكيو ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى چاقىرىق قىلغان ئىنتېرنېت تورىدىكى ئىمزا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى 350 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوللىدى.

1639594
توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سادالىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيونىڭ ۋالىيلىقىغا نامزات بولغان داڭلىق ئادۋوكات كېنجى ئۇتسۇنومىيا تەييارلىغان «توكيو ئولىمپىكىنى توختات» ناملىق ئىمزا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يەتكۈزۈلدى.

ئادۋوكات كېنجى ئۇتسۇنومىيا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىنى خەلقتىن يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرنىڭ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى، توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارغا كۆپ بېسىم پەيدا قىلدى، دەپ ئويلايمەن. بۇ ئىمزالارنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.

توكيو ئولىمپىك يىغىنىنى 23-ئىيۇل (2021) دا باشلاش پىلان قىلىنماقتا.

نوپۇسىنىڭ %2 دىن ئاز بولغان قىسمى ۋاكسىنا بىلەن ئەملەنگەن ياپونىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر داۋاملىق كۆپەيمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر