تاھا ئاقگۈل 8 - قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولدى

دۇنيا ۋە ئولىمپىك چېمپىيونى دۆلەتلىك چېلىشىش ماھىرى تاھا ئاقگۈل رۇسىيەلىك تەنھەرىكەتچى سېرگېي كوزىرېۋنى يېڭىپ 8- نۆۋەتلىك ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

1626156
تاھا ئاقگۈل 8 - قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپا قۇياش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن ئېلىشىش 125 كىلوگراملىقلار تۈرىدە مۇسابىقىگە چۈشكەن تاھا ئاقگۈل، تۇنجى ئايلانمىدا ئۈچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان گىرۇزىيەلىك گېنو پېترىئاشۋىلىنى 1 گە قارشى 6؛ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە پولشالىق كامىل توماسز كوسچىئولېكنى 1 گە قارشى 6؛ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بېلورۇسىيەلىك دىزانىس خراميانكوۋنى 0 گە قارشى 4 نومۇر بىلەن يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى رۇسىيەلىك ماھىر سېرگېي كوزىرېۋ بىلەن مەيدانغا چۈشكەن تۈرك دۆلەتلىك چېلىشىش ماھىرى ئاقگۈل، ئېلىشىشنىڭ ئاخىرقى مەيدانىدا رەقىبىنىڭ قوپال ھەرىكەتلىرى ئالدىدا سوغۇققانلىقىنى ساقلاپ، 2 گە قارشى 9 نومۇر بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسپىي ھاياتىدىكى 8 – قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، مىنىستىر مەھمەت مۇھەررەم كاساپئوغلۇ ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ قاتارلىقلار تاھا ئاقگۈلنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر