توكيو ئولىمپىك يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

ياپونىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى نىكائى توشىھىرو ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ئەھۋالدا توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1622009
توكيو ئولىمپىك يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى نىكائى توشىھىرو بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، توكيو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ئەھۋالدا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇ ۋاقىتقا كەلگەندە قارار بېرىشكە مەجبۇرمىز. مەسىلەن، دەرھال توختىتىشقا مەجبۇر بولىمىز» دېدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئايلىق ئەلرايى نەتىجىسىدە، پەقەت %24.5 كىشىنىڭ ئولىمپىكنى پىلان بويىچە ئۆتكۈزۈشنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

2020-يىلى 24-ئىيۇلدىن 9-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ۋە ۋابا سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن «2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى» نى، 2021-يىلى 23-ئىيۇلدىن 8-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر