ئەردوغان: توختاپ قېلىش يوق، داۋاملىق ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈش بار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «توختاپ قېلىش يوق، داۋاملىق ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈش بار» سەرلەۋھىلىك ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1588658
ئەردوغان: توختاپ قېلىش يوق، داۋاملىق ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈش بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىزمىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە ئېچىلىشىغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان «گۆزتەپە گۈرسەل ئاقسەل تەنتەربىيە زالى» نى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، بۇ يەردە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىزمىر پارلامېنت ئەزاسى ئالپاي ئۆزالان قوغداۋاتقان ۋاراتاغا توپ كىرگۈزدى.

ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ۋە ۋاراتاغا توپ كىرگۈزگەن فوتو سۈرەتلىرىنىمۇ ئىلاۋە قىلغان ئۇچۇرىدا، «توختاپ قېلىش يوق، داۋاملىق ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈش بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر